Milli armiye

From Wikipedia

1945 - يىلى 4 - ئاينىڭ 8 - كۇنى ئۇچ ۋىلايەت مىللى ئارمىيىسى رەسمى قۇرۇلۇپ پالىنوف باش قوماندانلىقىقا ، ئىسقاقبىك مۇنۇنۇف ، زۇنۇن تىيىپۇفلار مۇئاۋىن قوماندانلىققا ، ماژروف باش شىتاپ باشلىقلىققا تەيىنلەندى . شۇنىڭ بىلەن مىللى ئارمىيە ئىچىدە ئۇنۋان ۋە دەرىجە تۇزۇمى يولغا قويۇلدى . بۇ چاغدىكى ئۇنۋان ناملىرى كۆپرەك سوۋىت ئىتتىپاقى ھەربىلىرى قوللانغان ئەينى ۋاقىتتا چار روسىيە ۋە ياۋرۇپا ئەللىرىنىڭ ئارمىيىلىرىدە قوللىنىلغان ئاتالغۇلار ئىدى .

Image:ayalesker.jpg Image:delilqan.jpg Image:revimjan.jpg Image:ishaqbék.jpg

ئەڭ ئالى ھەربى ئۇنۋان --- مارشال . ئۇچ ۋىلايەت ۋاقىتلىق ئىنقىلاۋى ھۆكۇمىتى 1945 - يىلى 10 - ئاينىڭ 22 - كۇنى ئالى ھەربى ئاپارات قۇرۇش توغرىسىدا 114 - نۇمۇرلۇق قارار ماقۇللاپ ، ئالدى بىلەن ئەركان ھەربى كىڭىشىنى قۇردى ۋە ئىلىخان تۆرىگە مارشاللىق ئۇنۋانى بىرىپ ئۇنى بۇ كىڭەشنىڭ باشلىقلىقغا تەيىنلىدى . ئەركان ھەربى كىڭىشى گىنرال لىيتنانت ئىسھاقبەگ مۇنۇنۇف ، گىنرال مايۇر پالىنۇف ، پولكاۋنىڭ ئەخمەتجان قاسىمى ، پود پولكاۋنىك كىرىم ھاجىلاردىن تەركىپ تاپتى . ئۇرۇشقا بولغان ھەممە قوماندانلىق ئەركان ھەربى كىڭىشىنىڭ قولىغا ئۆتتى .

ئالى دەرىجىلىك ھەربى ئۇنۋان ---- گىنرال مايۇر ( بىر چوڭ يۇلتۇزلۈق، ئاي - يۇلتۇزلۇق تۇگمە ) گىنرال لېيتىنانت ( ئىككى چوڭ يۇلتۇزلۇق ، يىلان باغىر ئاي يۇلتۇزلۇق تۇگمە ) . 1945 - يىلى ئۇچ ۋىلايەت ۋاقىتلىق ھۆكۇمىتى 13 نۇمۇرلۇق قارار ماقۇللاپ پالىنۇف ، ئىسقاقبەك مۇنۇنۇفلارغا گىنرال مايۇرلۇق ھەربى ئۇنۋان بەردى . 1946 - يىلى 6 - ئايدا 324 - نۇمۇرلۇق قارار ماقۇللاپ گىنرال مايۇر ئىسقاقبەك مۇنۇنۇفقا گىنرال لېيتىنانتلىق ئۇنۋانى بەردى . دەلىلقان سۇگۇربايىف ۋە ماژاروفلارغا گىنرال مايۇرلۇق ئۇنۋانى بەردى . ئۇچ ۋىلايەتلىك ۋاقىتلىق ۋاقىتلىق ھۆكۇمەت گىنرال ۋە گىنرال پولكوۋنىكلىك ھەربى ئۇنۋانلارنى بىرشنى قارار قىلغان بولسىمۇ بۇنداق ھەربى ئۇنۋان ھىچقانداق قوماندانغا بىرىلمىدى . شۇنىڭ بىلەن بۇ ئۇنۋانلار ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى

يۇقۇرى دەرىجىلىق ھەربى ئۇنۋانلار --- مايۇر ( ئىككى بالداق بىر يۇلتۇز ) ، پود پولكوۋنىك ( ئىككى بالداق ئىككى يۇلتۇز ) ، پولكوۋنىك ( ئىككى بالداق ئۇچ يۇلتۇز ) ، سىتارشى پولكوۋنىك ( ئىككى بالداق تۆت يۇلتۇز ) .

سىتارشى پولكوۋنىك -- بۇ ئۇنۋان ئەينى ۋاقىتتا مىللى ئارمىيىنىڭ شىمالدا جەڭ قىلغۇچى ئۇچ ۋىلايەت مىللى ئارمىيىسى ------ كۆپ مىللەتتىن تەركىپ تاپقان تەقدىرداش ئارمىيە . بۇ ئارمىيە ئەسىرلەردىن بۇيان شىنجاڭدىكى ئېزىلگەن ، ئۇجۇقتۇرۇلغان ، ھەر تەرەپتىن بوغۇلغان ، قانخور گومىنداڭ ھۆكۇمرانلىرى تەرىپىدىن << ياۋايى >> دەپ قارالغان مىللەتلەر ئوغۇل - قىزلىرىدىن تەركىپ تاپقان . 1944 - يىلى 8 - ئايدا قوزغالغاندىن تارتىپ تاكى ئازاتلىققا قەدەر 3000غا يىقىن ئەزىمەتلەرىمىزنىڭ قۇربانلىق بىرىشى نەتىجىسىدە گومىنداڭنىڭ 18 مىڭ ئەسكىرىنى يوقاتقان ، 4500 ئەسكىرىنى ئەسىرگە ئالغان .......................................... ئۇيغۇرلار قەلبىدە يۇكسەك ئابروي ۋە ئۇمۇت تىكلىگەن مۇنتىزىم ئارمىيە ئىدى قىسىملىرىنىڭ قوماندانى ( بىرىگادا كوماندىرى ) لىسكىنغىلا بىرىلگەن . ئۇندىن باشقا كىشىگە بىرىلىپ باقمىغان .

پولكوۋنىك --- بۇ ئۇنۋان ئەينى ۋاقىتتا قىيۇمبەگ خوجا ، سۇپاخون سۇبۇرۇف ، مەرغۇپ ئىسھاقۇپ ، ئابدىرىمجان ھەسەنوف ، مۇگۇتنوف ، ئاناننىن ، مۇھەممەت ئىمىن ئىمىنۇف ، نۇسۇپجان كۇنباي ، رۇسۇلۇف پەخىردىن خوجا ، غاپبارخان ، غېنى باتۇر ، ئابلاخان مەخمۇدوف ، مۇھەممەتجان يۇسۇپوف ، ئادىلشاھ ، زىيا سەمىدى ، رەپىق بايچۇرىن ، ئەخمەتجان قاسىمى ، قاسىمجان قەمبىرى ، بېلىنوف ، رەخىمجان سابىر ھاجىيوف ، نەبىجان يۇسۇف ، مەنسۇر لومىيوف ، ئېردە بولغۇنۇف ، ئابدىغوپور سابىر ھاجى ، نىغمەت ئىنئامجان قاتارلىق 25 كىشىگە بىرىلگەن .

ئۇندىن باشقا پود پولكوۋنىك ھەربى ئۇنۋانىغا 50 دىن ، مايۇرلۇق ھەربى ئۇنۋانىغا 60 دىن ئوشۇق كىشى ئېرىشتى .

ئوتتۇرا دەرىجىلىك ھەربى ئۇنۋان --- پروپورشىك ( بىر بالداق ، بىر يۇلتۇز ) ، پود پروپورشىك ( بىر بالداق ئىككى يۇلتۇز ) ، پوروچىك ( بىر بالداق ئۇچ يۇلتۇز ) ، كاپىتان( بىر بالداق تۆت يۇلتۇز ) . ئۇچ ۋىكايەت مىللى ئارمىيىسىدە بۇ خىل ئۇنۋاندىكى ئوپىسسىرلاردىن 250 دىن ئوشۇق كىشى بار ئىدى .

تۆۋەن كىچىك دەرىجىدىكى ھەربى ئۇنۋانلار --- رادۋاي ( ئاددى ئەسكەر ) ، يېفرىتىر( بىر چىكىت ) ، مىلادشى سېرژانت ( ئىككى چىكىت ) ، سىرژانت ( ئۇچ چىكىت ) ، سىتارشى سىرژانت ( تۆت چىكىت ) ، سىتارشىنا ( ئەگىر بالداق بىر يۇلتۇز ) .

ئۇچ ۋىلايەت مىللى ئارمىيىسى ماناس دەرياسى بويىدا چازا تۇتۇپ ياتقان شۇ يىللاردا پۇتۇن مىللى ئارمىيىنىڭ ئادەم سانى 29 مىڭ 650 كىشى ئىدى . ئۇلارنىڭ ئىچىدە 1000 كىشى باش شىتاپتا خىزمەت قىلاتتى . باش قوماندانلىق شىتاپ گىنرال شىتاۋىدا بولسا 246 كىشى خىزمەت قىلاتتى .

گىنرال .................... 大将 گىنرال پولكوۋنىك ................... 上将

گىنرال لىيتننانت ..................... 中将

گىنرال مايور ..................... 少将

پولكوۋنىك ..................... 上校

پود پولكوۋنىك .................... 中校

مايور .................. 少校

كاپىتان .................. 大尉

سىتارشى لىيتننانت ( پاروتچىك ) ................... 上尉

لىيتننانت ( پاد پاروتچىك ) .................. 中尉

مىلادشى لىيتننانت ( پىراپورچىك ) .................. 少尉

سىتارشىنا .................... 准尉

سىتارشى سىرژانت ................... 上士

سىرژانت ..................... 中士

مىلادشى سېرژانت ........................ 下士

يېفرىتىر ........................ 上等兵

ئاددى ئەسكەر ........................ 列兵


anayurt munbiri torem yollanmisi